دونالد ترامپ: «خىتاي داۋاملىق ئامېرىكانى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.30

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دەماللىققا توختاپ قالغان سودا سۆھبىتى 30-ئىيۇل كۈنى شاڭخەيدە قايتىدىن باشلاندى. ھازىر گەرچە سۆھبەتنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم بولسىمۇ، بۇ ھەقتە خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە «ئامېرىكا ۋەكىللىرى رىچارد نىكسون ئەپەندىنىڭ زىيارىتىدىن ئۈلگە ئېلىشى لازىم» دېيىش ئارقىلىق 1972-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ شاڭخەي شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئىشارە قىلدى. ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شۇ كۈنى تۋېتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا «خىتاي بىزنى داۋاملىق سوقىمەن، دەپ خام خىيال قىلىۋاتىدۇ» دەپ يازدى. شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپنىڭ ھەرقاچان سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بارغاندا ئالاقىدار كېلىشىم مەزمۇنىنى ئۆز پايدىسىغا بويسۇندۇرۇپ تەڭشەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى ھەمدە بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئامېرىكانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى قىلمىشلىرىنى تىلغا ئالدى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ئۇچۇرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ سۆھبەتنى قەستەن سوزۇۋاتقانلىقىنى، ناۋادا ئۆزى بۇ سايلامدا سايلىنالماي قالسا كېيىنكى نۆۋەتلىك «يۇمشاقباش» ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى داۋاملىق كولدۇرلىتىپ، ئۆتكەن ئوتتۇز يىلدىكىگە ئوخشاش ئامېرىكانى داۋاملىق قاقتى-سوقتى قىلىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ؛ «مەن سايلامدا يېڭىپ چىققاندىن كېيىن خىتاينىڭ دۇچ كېلىدىغىنى ھازىرقى سودا سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقاندىنمۇ ئېغىرراق زەربە بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى سودا سۆھبىتىنى ئۆتكۈزمەيلا قويۇش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۈچلۈك كوزىرلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى سودا سۆھبىتىگە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇشىن ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى مۇشۇ ھەپتە ئېنىق بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.