ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈرمەكچى

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى رىقابەتتە ئادىل بولماسلىقى ۋە تىجارەتتە بازارنى چىقىش قىلماسلىقىدەك ئادەتلىرىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈرۈپ، يولغا قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىنكەن.

بايدىن ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 5-ئايدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن. بۇنىڭدا ئېلېكتىر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قويۇلىدىغان باج نىسبىتىنىڭ 100 پىرسەنت ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى 50 پىرسەنتكە، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ۋە پولات قاتارلىق باشقا ئىستراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بېجىنى 25 پىرسەنت ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى تەننەرخنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ھەرىكەت ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئامېرىكا سانائىتىنى قوغداش ساھەسىدىكى تىرىشچانلىق، دەپ باھالانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋانمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندا «ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىكەن.

خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا ئادىتى ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتا. تېخى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال كانادامۇ 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئىمپورتىغا 100 پىرسەنت، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.