بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە قارىتا يېڭى ئېكسپورت كونترولى ئېلان قىلدى
2024.12.03
ئامېرىكانىڭ كېلەر ئايدا ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتى 3-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە قارىتا ئۇزۇندىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلگەن يېڭى ئېكسپورت كونترولى تەدبىرى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېكسپورت كونترولى تەدبىرى خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى 140 شىركىتىگە ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇشنى نىشان قىلغان ئەڭ زور كۆلەملىك چەكلەش تەدبىرى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويۇش مەقسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو (Gina Raimondo) يېڭى ئېكسپورت كونترولىنىڭ «بۆسۈش خاراكتېرلىك ھەم كەڭ كۆلەملىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي خىرىسىنى ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئازايتىش يولىدىكى «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈچلۈك تەدبىر» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى ئېكسپورت كونترولى نازۇك تېخنىكىلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى، شۇنىڭدەك سۈنئىي ئەقىل ساندانىنىڭ ئاساسى بولغان «يۇقىرى ئىقتىدارلىق خاتىرىلەش ئۆزىكى» (HBM)نى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە چېتىشلىق 140 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ كارخانىلار بىلەن سودا قىلىشىنى مەنئى قىلغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېڭى تەدبىر خىتاينىڭ ئىلغار ھەربىي ھەم ئىستىخبارات قابىلىيىتى، تور ھەرىكىتى ۋە كەڭ كۆلەملىك نازارەت تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسىدىكەن. لېكىن خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېكسپورت كونترولىنى تەنقىدلەپ: بۇ، «ئېكسپورتنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىق»، خىتاي شىركەتلىرىنى «بېسىش ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھەربىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكاغا گاللىي، گېرمانىي، ئانتىتېلا ۋە شۇنداقلا بىرىكمە ئالماس قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق ماتېرىياللارنى ئېكسپورت قىلىشنى «پىرىنسىپ جەھەتتىن» چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ھالبۇكى، خەۋەرلەردە، بۇ تەدبىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل كېچىكىشى، شۇنىڭدەك كارخانا ساھەسى ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى زەربە بېرىش ئىقتىدارىدىن كۆپ ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.