باجىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى خوتەن «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» دىن مال ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان

بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى باجىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى خوتەندىكى «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» دىن مال ئىمپورت قىلغانلىق ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. بۈگۈن مەزكۇر شىركەت خوتەندىكى شۇ شىركەتتىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

19-دېكابىر باجىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا تارقىتىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئۆزلىرى مال ئىمپورت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ چوقۇم «خەلقئارالىق مال سېتىۋېلىش سىياسىتى» گە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن شۇنداقلا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىرقىي ۋە دىنىي دەپسەندىچىلىككە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

باياناتتا خوتەن «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن، بىخەتەر، قانۇنلۇق ۋە ئىنسانىيلىقنى ئاساسىي ئورۇندا قويىدىغان بىر شىركەت دەپ ئەنگە ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى تەكشۈرۈشلەردىن ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ خوتەندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدۇرۇش ئارقىلىق ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك باجىر شىركىتىنىڭ «تەيدا شىركىتى» دىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئىنسانىيلىق جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.