ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئامېرىكىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن مەزكۇر مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىق، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ئامېرىكىدىكى باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خەۋەردە بۇ مەھسۇلاتلار «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ناملىق خىتاي كارخانىسىنىڭ خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قۇرغان زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ ئورۇندا لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىق ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە «تۇنجى قېتىم بىر ئامېرىكا شىركىتى ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە ئامېرىكىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۆتكەن ھەپتە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار «باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى توختاتقان ئىدى. «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى «ئىشچىلار ھەقلىرى كومىسسيونى» ناملىق ئەمگەك تەشكىلاتى «ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇنىۋېرسال بەلگىلىمىگە خىلاپ» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، باجېر شىركىتى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تەمىنلىگەن مەھسۇلات بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنغان لاگېرنىڭ ئىچىدىكى كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئەينەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى باياناتىدا يەنە «شەخسلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىدىن خالى تۇتۇشقا دائىر قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى» دېگەن.