ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى خىتاي زاۋۇتلىرىنى ئىشچىلارنى قىسقارتىشقا مەجبۇر قىلغان

بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك تاموژنا بېجى قويۇشى بىلەن خىتايدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئىش ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن خىتاي ئىشلەمچىلەر ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان. ئۇلار ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ھازىر جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ. بىزدەك پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىپ بارىمىز،» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى ئىشچىلار ۋە ئىشقا قوبۇل قىلغۇچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان شېنجېنغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مۇشۇنداق بىر شەھەردە زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق نارازى بولغان، ھەتتا كونا ئىشچىلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى سودا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا تۆۋەنلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل مالىيە ۋە تۇرالغۇ-ئۆي بۆلىكىدىكى داۋالغۇشنى ئازايتىش ئۇرۇنۇشىدىن بولغان ئىكەن. ھالبۇكى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا ئەڭ ئېغىر ئاستىلاش يۈز بەرگەن.