ئامېرىكا ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاينىڭ سودا ئارقىلىق گۈللىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان.
26-دىكابىر كۈنى «سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمدى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، خىتاينىڭ خەتەرلىك تەرەققىياتىنى چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقماقتا ئىكەن. بۇ ئىستراتېگىيە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ نەچچە ئون يىل داۋام قىلىپ كەلگەن خىتاي سىياسىتىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىن كۈچلىنىپ، جاھانغا پاتماي قالغان خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى بېسىقتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىدە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان؛ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى «مۇداپىيە كۈنتەرتىپى» دەپ ئاتىغان يېڭى ئىستراتېگىيەسى بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسلىدە بىر يۈرۈش مەمۇرىي ئىجرائاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. دەرۋەقە، ئامېرىكا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا قارشى بىر يۈرۈش قائىدە-تۈزۈم ۋە مەمۇرىي بۇيرۇقلارنى چىقارغان بولۇپ، 2023-يىلمۇ بۇ ئەھۋال داۋام قىلىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىمۇ بۇ يىل 10-ئايدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى (چىپ) ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلەيدىغان يېڭى قائىدىلەرنى ئېلان قىلغان؛ ئاندىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگان قۇرۇلىدىكەن؛ خىتاينىڭ ئەپ دېتالى تىك-توك (دويىن) نى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىش چەكلىنىدىكەن.