ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك ھالسىراش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى سانىدا «خىتاي ترامپ بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ پرېزىدېنتى جېئان كلاۋدې جۇنكېر بىلەن كۆرۈشكەندە گەرچە خىتاينىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئادالەتسىز سودا ئەمەلىيىتى» دېگەن سۆز ئارقىلىق روشەن ھالدا خىتاينى ئىما قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ خىتاينىڭ قوغدىنىش مودېلىنى يىمىرىپ تاشلايدىغانلىقى، ھەتتا مەزكۇر كېلىشىمدىن ئىلگىرىلا بىر قىسىم پاكىتلارنىڭ خىتاينىڭ ئاللىقاچان ئاق بايراق چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدا يەنە سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي يۈەنىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكى، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يى گاڭنىڭ كۆپ خىل قاناللار ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپكە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا توقۇنۇشىغا كىرگۈسى يوقلۇقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى، زاۋۇتلارنىڭ خىتايدىن ۋىيېتنام، بېنگال، فىلىپپىن، ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈۋاتقانلىقى بىرمۇ-بىر ساناپ كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدا 1980-يىللاردا ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگاننىڭ قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئەسلىتىلىپ، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا غەلىبە قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا پرېزىدېنت ترامپقا ھۇجۇم قىلىدىغان سەلبىي سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقى، بۇنىڭ روشەن ھالدا ئامېرىكا بىلەن بولغان توقۇنۇشنى پەسەيتىش ئىستىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.