ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان بېيجىڭدا ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتنى باشلىغان

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش)نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان (Jake Sullivan) 27-ئاۋغۇستتا بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتنى باشلىغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ جېك سۇللىۋاننىڭ ئۆتكەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە ۋاڭ يى بىلەن بەشىنچى قېتىم كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تاشقىي سىياسەتلىرىنى تەڭشەۋاتقاندا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىشى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى، دەپ قارالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالايدىغان تېمىلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى ئېنىق ئىكەن. جېك سۇللىۋان بۇ قېتىم فېنتانىلنىڭ تارقىلىش كۆلىمىنى چەكلەش، خىتاينىڭ يۇقىرى جىددىيلىكتىكى ھەربىي تەييارلىقىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىغا چەك قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىدىكى تەيۋەننى قوللاش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن جاۋ مىڭخاۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ بايدېن ئاقسارايدىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى، ئەڭ زىل تېمىلار بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە بۇ سۆھبەتتىن زور بىر ئۇتۇقنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈمىد قىلىنمىسىمۇ، بۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ھەرقايسى ئاخباراتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا.