خىتاينىڭ ئامېرىكادىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى
2023.03.23
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك براۋن (Sen. Mike Braun) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي ۋە روسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق ئامېرىكاغا دۈشمەن دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكادا تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى تونوشتۇرغان.
«فوكس» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئامېرىكانىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى چەت ئەللەرنىڭ زىيىنىدىن قوغداش» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى «ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، كونتروللۇقىدا ياكى باشقۇرۇشىدا» بولغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدىكى ھۆكۈمەتكە ياكى خۇسۇسىيلارغا تەۋە دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئىجارىگە ئېلىشى ۋە سېتىۋېلىشىنى مەخسۇس چەكلەيدىكەن.
بۇ چەكلىمە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ياكى ئامېرىكادا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىلگەن كۆچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 4 دۆلەت ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا «ئامېرىكانىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئۇسۇللار بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇددىئاسىغا ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك براۋن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۆتكەن ئون يىلدا 20 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بىز ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.
مەزكۇر لايىھە، يۇقىرىقى 4 دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يەر ئىجارىگە بېرىش ۋە سېتىۋېلىشنى چەكلەشتىن باشقا يەنە ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قۇرۇلۇش پروگراممىلىرىغا قاتنىشىشىنىمۇ توسايدىكەن.