ئامېرىكادا خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ماشىنىلارنى چەكلەش تەلەپلىرى كۈچەيمەكتە

بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ماشىنىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بانكىچىلىق كومىتېتىنىڭ (Senate Banking Committee) رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېررود بروۋن (Sherrod Brown) ئۆزىنىڭ X تىكى ھېسابى ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىنى ئامېرىكا ماشىنا سانائىتى ئۈچۈن مەۋجۇت تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، پىرېزىدېنت بايدېننى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، «بىز خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى ئالدامچىلىقىنى ئامېرىكا ماشىنا سانائىتىگە ئېلىپ كىرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.

يېقىندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلېن خىتايدا زىيارەتتە بولغاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆز شىركەتلىرىگە تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ھەقسىز رىقابەت قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىچكى ئېھتىياجدىن ھالقىغان ھالدا مەبلەغ سېلىپ، ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماشىنا سانائىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەنمۇ چېتىشلىق ساھە بولۇپ، يېقىندا ئارىزونا ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتاسىمۇ بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان ئىدى.