ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ خىتايدىن «ئايرىلىش» نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo) 29-ئاۋغۇست يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن «ئايرىلىش» نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. جىنا رايموندو خىتاي زىيارىتىنىڭ 2-كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكا CNN تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گىنا رايموندو خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيادا تەسىرى بەك چوڭ، بۇ مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش بىز ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» . ئۇ يەنە: «ئەلۋەتتە، بىز دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشتا مۇرەسسە قىلمىساقمۇ، شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، بىز خىتايدىن ئايرىلماقچى ياكى خىتاي ئىقتىسادىنى چېكىندۈرمەكچى ئەمەس» دېگەن.

جىنا رايموندو يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە خىتايدا زىيارەتتە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن 4-كىشى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىش دۇنيادا ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقاچقا، جىنا رايموندو خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان دەپ قارالماقتا.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئېكسپورت كونتروللىنى بوشاشتۇرۇشىنى، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاينىڭ بەزى ئىلغار تېخنولوگىيە ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن جىنا رايموندو، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

سۆھبەتتە جىنا رايموندو خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تۇتقان قوپال مۇئامىلىسى، ئۇلارنىڭ خىتايدا ئۇچراۋاتقان كاشىلىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى، فېنتانېل، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. جىنا رېيموندو، «مەن بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزدە قەتئىي بولدۇم، ئەمدى ئۇلارنىڭ قانداق ھەرىكەتتە بولۇشىغا قارايمىز» دەپ كۆرسەتكەن.