ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى.

9-ئاۋغۇست كۈنى، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇقتىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكالىقلارنى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىشتىن چەكلەيدىكەن ۋە بۇنداق سودىلارنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

جوۋ بايدېن بۇيرۇقتا «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر» نىڭ سەزگۈر تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشى پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپنىڭ جىددىيلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ» دېگەن.

خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقتا «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر» دەپ بېكىتىلگەن بىردىنبىر دۆلەت ۋە رايون بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتقان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 10-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى «بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپى ۋە ئادىل رىقابەت پىرىنسىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ كەتتى» دەپ تەنقىد قىلغان ۋە بۇ قارارنىڭ «يەر شارى سانائەت ئالاقىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ قارارنى: «بىزنىڭ ئوچۇق مەبلەغ سېلىش ۋەدىمىزگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش يولىدىكى بىر قاراتمىلىق ھەرىكەت» دەپ تەرىپلىگەن ۋە خىتاينى «سەزگۈر تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەتراپلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئامېرىكا سالغان مەبلەغنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇنى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر يۈرۈش سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلەتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋە شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىكەن.

مەمۇرىي بۇيرۇق-ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان ئىمزالىق كۆرسەتمىسى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇنى ئاغدۇرۇپمۇ تاشلىيالمايدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بۇ ھوقۇقىنى قوللىنىپ كەلگەن.