ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو خىتاينىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئازايتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo) خىتاينىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئازايتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جىنا رايموندونىڭ خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئازايتىشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئەمما جىنا رايموندو بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.

رايموندو مۇنداق دېگەن: «ئۇلار تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىكى ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ياق دېدىم. چۈنكى بىز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ھەرگىز مۇرەسسەلەشمەيمىز» .

جىنا رايموندو سۆزىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقى ھەققىدە مەلۇمات ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ «ماسلىشىشنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» ، دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايغا بولغان قىزىقىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي كاساتچىلىقنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چەتئەل شىركەتلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشماقتىكەن. بىراق جىنا رايموندو خانىم سۆزىدە، بۇنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلار ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنى دەرھال نەتىجە بېرىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ھەقىقىي ھەرىكەت بولامدۇ-يوق بىز بۇنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز» دېگەن.

رايموندو يەنە ئەسكەرتىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ قانداقتۇر مۇرەسسە قىلىش ياكى تەسلىم بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.