ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ياپونىيە باش ۋەزىرىنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ياپونىيە باش ۋەزىرىنى شىنزۇ ئابېنى جۈمە كۈنى ئاق سارايدا كۈتۈۋېلىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سېنكاكۇ ياكى دياۋيۈ ئارىلى ئىختىلاپى، شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان.

شىنزۇ ئابې ياپونىيە-خىتاي زېمىن ئىختىلاپى جىددىيلىشىپ، خىتاينىڭ تەھدىتى كۈچىيىشكە باشلىغان مەزگىلدە ھاكىمىيەتكە چىققان. ئۇ، ئۆزىنىڭ سايلام پروگراممىسىدا ھاكىمىيەتكە چىقسا، ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پرېزىدېنت ئوباما ئابېنى ئېللىپس شەكىللىك ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. شىنزۇ ئابې، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشتىن سەل بۇرۇن، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مائارىپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيىگە قارشى سىستېمىلىق دۈشمەنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە قوشنا ئەللەر بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش نىيىتى بارلىقى، بېيجىڭنىڭ ئىختىلاپتىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە جامائەت پىكرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىختىلاپنىڭ يېقىن ئارىدا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئابېنىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلدى. باياناتچى خوڭ لېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياپونىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.