ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقى خىتاينىڭ ئېسىگە سېلىندى
2013.04.24
ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى خىتاينىڭ ئېسىگە سالدى.
بۇنى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارتىن دەمپسېي ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيە مەسىلىدە مەن، ياپونىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە ئامېرىكىنىڭ ھۆرمەت قىلمىسا بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلىرى بارلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سەمىگە سالدىم، دېدى.
دەمپسېي يەنە، ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى رىتورىك خىتابلارنىڭ ئۇلغىيىپ، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
نۆۋەتتە ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى خىتاي «دياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان مەزكۇر ئارال تەۋەسىگە ئايروپىلان ۋە كېمە ئەۋەتىش قېتىم سانىنى ئۇلغايتقان.
23 - ئاپرىل يەنە 8 دانە خىتاي پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ سۇ تەۋەسىگە كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شېنزو ئابې سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەگەر ھەرقانداق خىتاي سېنكاكۇغا چىقىدىغان بولسا «كۈچ ئىشلىتىپ» قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.