ئامېرىكا ۋە ياپونىيە پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارار شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتى ۋە خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە ئوخشاش يېڭى رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بۇ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىقىغا ئائىت كېلىشىمنىڭ 16 يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېڭىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېلىشىم بويىچە، ئامېرىكا ياپونىيەنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن ئالدىن خەۋەر بەرگۈچ ئىككىنچى رادارنى كېلەر يىلى ئىچىدە ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىكەن شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئاراللاردىكى ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن كېلەر ئەتىيازغىچە يېڭى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى سەپلەيدىكەن.
يۇقىرىدىكى كېلىشىملەر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىيۇ كىشىدا ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسونورى ئونودېرالارنىڭ ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا ھاسىل قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ياپونىيە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشنىلىرىمۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق 21-ئەسىردىكى يېڭى رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرىمىز» دېگەن.