ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى دەيۋىد قورۇقى پىرېزىدېنتلىق تۇرالغۇسىدا ئۆز ئارا ئۇچراشقان. بۇ قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىشتا، ئۇلار خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە كېلىشىپ، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆز ئارا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەت بۇندىن كېيىن قىزىق لىنىيە ئالاقە قانىلى قۇرۇپ، تەھدىتكە قارشى مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. پىرېزىدېنت بايدېن 18-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى فومىئو كىشىدا (Fumio Khshida) ، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيۇل (Yoon Suk Yeol) بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن كېيىن، «دەيۋىد قورۇقى پىرىنسىپلىرى» دەپ ئاتالغان ئورتاق خىتابنامىنى ئېلان قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن: «بىز بىرلىكتە تۇرساق، بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك، دۇنيا تېخىمۇ بىخەتەررەك بولىدۇ. مەن ئۈچلا دۆلەتنىڭ بۇ نۇقتىدا ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقساراي 18-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «دەيۋىد قورۇقى پىرىنسىپلىرى» ناملىق ئورتاق خىتابنامىدە، بۇ ئۈچ دۆلەت «مەۋجۇت ھالەتنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى»، «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، جۈملىدىن ئادەم قاچاقچىلىقى، تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرماسلىق مەسىلىلىرىنى دەرھال ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ ئورتاق خىتابنامىدە تەكىتلىشىچە، «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە گۈللىنىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتى» ئىكەن.
ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق خىتابنامىدە «ئۈچ تەرەپلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ مەقسىتى پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتۇر» دېگەن. پىرېزىدېنت بايدېن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرىگە ئوخشاشلا بۇ يىغىننىڭ «خىتاي توغرىلىق ئەمەسلىكى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق خىتابنامىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «خەتەرلىك ھەم زوراۋان» ھەرىكەتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك ئۇرۇنۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، دىققەت قوزغىغان.