ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان دورا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلماقتىكەن
2024.10.08
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە گەرچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توسۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دورا بۇيۇملىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دورا بۇيۇملىرىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەر شارى خەۋپسىزلىك ئورگىنىC4ADS 8-ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بىلەن ياپونىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى (PMDA) نىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى دورا ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئىجازەت بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى مىشېل كۆندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكتىپ دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقارغۇچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دورا بازىرىدۇر، ھالبۇكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دورا بۇيۇملىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىش ئەھۋالى تېخى چوڭقۇر تەكشۈرۈلمىدى» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تيەنشەن دورىگەرلىكى (天山药物) ۋە يىلى چۇەننىڭ (伊利川宁) بىئوتېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلىغان.
C4ADS ھەمبەھىرلىگەن سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە شىركەتلىرى 2023-يىلى يىلى چۈەننىڭ شىركىتىدىن ۋاسىتىلىك ھالدا مەھسۇلات سېتىۋالغان.
سانلىق مەلۇمات ۋە تېخنىكا شىركىتى بولغان قارۇن (Kharon) نىڭ تەكشۈرۈشىچە، يىلى چۇەننىڭ يەنە 2019-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستاندىكى دورا تەمىنلىگۈچى شىركەت Unimax Chemicals قا 6 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئانتىبىيوتىك ئېرىترومىتسىن مەھسۇلاتلىرى تەمىنلىگەن، ئاندىن بۇ شىركەت ئوخشاش مەزگىلدە ياپونىيە شىركەتلىرىگە ئېرىترومىتسىن يۆتكىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىلى چۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى» گە قاتناشقان. بۇ ئاتالغۇلارنى ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىلىرىنى مەدھىيەلەشتە قوللىنىپ كەلگەن. تيەنشەن دورىگەرلىكى بولسا قىسمەن رايونلۇق يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن قوشۇلغان پاي كۆپ مىقدارنى ئىگىلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، FDA ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان دورىلارنىڭ %13 ى خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان.
C4ADS نىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى ئورۇننى تىزىمغا ئالدۇرۇشى ياپونىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلاش جىنايىتىگە بولغان ئىنكاسىغا زىت ئىكەن. ئامېرىكانىڭ بولسا، بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئاكتىپ قەدەم ئېلىپ، خىتاينىڭ دورا بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىكەن.