ئۆتكەن بىر قانچە كۈندىن بېرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلېن، 8-ئاپرېل زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەرزان باھالىق خىتاي ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ ئامېرىكا يېڭى سانائىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جەنېت يېلېن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، پىرېزىدېنت بايدىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا دولقۇندەك ئېقىپ كىرىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ساھەسىدىكى ئىككى مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «خىتاي زەربىسى» نىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكانىڭ خىتايغا سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىش سالاھىيىتىنى بېرىشى، ئارقىدىنلا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى، ئامېرىكانى ئەرزان باھالىق خىتاي تاۋارلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىش بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ھالبۇكى، جەنېت يېلېن بېيجىڭدا، ئەگەر خىتاي دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ياردىمىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل باتارېيەسى، كۈنتاختا ۋە باشقا يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭغا باج قويۇش ياكى باشقا قانداق سودا تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنېت يېلېن يېقىنقى توققۇز ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىچكى ئېھتىياجدىن ھالقىغان ھالدا مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا بۇ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئامېرىكا ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن . جەنېت يېلېن مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ ئەھۋالنى بۇرۇن كۆردۇق. ئون يىللار ئاۋۋال خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ پولات مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىغا ئېقىپ كىرىپ، دۇنيا ۋە ئامېرىكا سانائىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.» ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە ئۇ بۇ رېئاللىقنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا يول قويمايدىكەن. جەنېت يېلىننىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى ماتېرىيال ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىغا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ، چاقىلىق ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا زو ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرغان بىر ۋاقىتتا ئېيتىلغان.