ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى 18-مارت خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان نورمال سودا ئورنىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى قايتا سۇنغان. دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەكىتىشىچە، نوۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قوغداپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن. قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھازىرقى نورمال سودا ئورنىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان نورمال سودىنى ھەر يىلى پرېزىدېنتنىڭ تەستىقلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2000-يىلغىچە خىتايغا قارىتا بۇ خىل سودا مۇناسىۋىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن. بىراق 2000-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون خىتايغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلىرى سالاھىيىتىنى بېرىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق زەنجىرىنىڭ كۈشەندىسىدىن قۇتۇلدۇرغان، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىكى ھازىرقى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن تام كاتون، جىم ئىنخوف، رىك سكوت قاتارلىقلار سۇنغان بولۇپ، تام كاتون «ئامېرىكانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قوغداش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتكەن ھەپتە كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىرلىشىپ، خىتايدىكى «ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەشنى توختىتىش» توغرىسىدا بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان.