كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى 54-قېتىملىق يىغىنىدا ئامېرىكالىق ۋەكىل خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن.

ئامىرىكالىق ۋەكىل سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ، شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلماقتا ياكى ھۆكۈمەتلەرنى بۇ شەخسلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا. . . دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋاسىتىسى بولغان بۇ ئۇسلۇب ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال.»

ئامېرىكالىق ۋەكىل سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئېتنىك ئاز سانلىقلار ۋە باشقىلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن كىشىلەرنىڭ غايىب قىلىنغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

يىغىندىكى خىتاي ۋەكىل بۇنى رەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاينىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز».

ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى»، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىر 53 دۆلەتتە ئاز دېگەندە 102 تاشقىي ئىشلار مۇلازىمەت پونكىتى قۇرغانلىقى، خىتاينىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ ئورۇنلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ سوراققا تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ئامېرىكادىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى كۈچلۈك دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.