خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە باغلىق جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرگە پۇل بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان

ئامېرىكادا نەشردىن چىقىدىغان خەۋەر ھەپتىلىكى ژۇرنىلى (Newsweek) بىر ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئامېرىكادا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە باغلىنىشلىق بولغان ئون نەچچە جامائەت تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى سىياسىيونلارغا يىللاردىن بېرى پۇل ئىئانە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ياردەم پۇللىرىغا ئېرىشكەن سىياسىيونلار ئىچىدە نيۇ-يوركنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە پرېزىدېنت كاندىداتى ھىلارى كلىنتوندىن تارتىپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى گرېيس مېڭ (Grace Meng) غىچە بولغان سىياسىيونلار بار ئىكەن.

بۇ سىياسەتچىلەرگە ئىئانە قىلغانلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكادا تىجارەتچى، سودىگەر دەپ بىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە چېتىلىپ يېقىندا ئامېرىكادا قولغا ئېلىنغان 7 كىشى ئارىسىدا بار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئاتالمىش خىتاي جامائەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكادىكى يەرلىك سىياسىيونلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ئېلىپ بېرىش ۋە جاسۇسلۇق قىلىشتەك مەقسەتلىرىگە يەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بولسا ئامېرىكانىڭ «چەتئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنى» نى دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر 28-سېنتەبىر كۈنى فوكۇس تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە بۇ ئىشنى تەكىتلەپ «چەتئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنىمىزنى كېچىكمەستىن ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك، ئەكسىچە بولغاندا خىتاي كومپارتىيەسى پايتەختتىكى ئورگانلارغا سىڭىپ كىرىپ دۆلەت ئورگانلىرىمىزنى تەسىر ئاستىغا ئالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.