تۆت نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى خىتايدا پىچاقلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.11

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە پىچاق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىچاق ھۇجۇمى قىلغۇچى 55 ياشلىق سۈي فامىلىلىك خىتاي بولۇپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇلغان. شۇ كۈنى جىلىن شەھىرىدىكى بېيشەن باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتقان تۆت نەپەر چەت ئەللىك تۇيۇقسىز باشلانغان پىچاق ھۇجۇمىدا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ بولغۇچە نەچچە يېرىگە پىچاق سانجىلغان. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكى، پىچاق ھۇجۇمىنى توسۇۋالماقچى بولغان يەنە بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭمۇ پىچاق يېگەنلىكى مەلۇم بولغان.

جىلىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى يارىدارلارنىڭ يارىسى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭدەك پىچاق ھۇجۇمىغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسە. بۇ ھەرگىزمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى توختىتىپ قويالمايدۇ» دېگەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) بۇ ھەقتە X تە ئۇچۇر يوللاپ «ئامېرىكا پۇقرالىرى دۇچ كەلگەن پىچاق ھۇجۇمىدىن بەكمۇ غەزەپلەندىم» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئوخشىمىغان شەكىلدە «ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، ئىجابىي ئوبراز تۇرغۇزۇش» پائالىيىتىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پىچاقلىق ھۇجۇم بۇ تىرىشچانلىققا چۈشكەن بىر چوڭ داغ، دەپ قارالماقتا. «دۆلەتلىك خەلق رادىيوسى» (NPR) نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم ئانالىزچىلار يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «غەربكە قارشى خىتاي مىللەتچىلىكى» نى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.