«پيۇۋ» راي سىناش نەتىجىسى: ئامېرىكا كۈچلۈكمۇ خىتايمۇ؟
2023.11.08
ئامېرىكادىكى «پيۇۋ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئامېرىكانى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە خىتاينى مەغلۇپ قىلالايدۇ، ئەمما تېخنىكا جەھەتتە خىتايغا يېتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىكەن.
نويابىردا سان-فرانسېسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى» ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشتا، ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق كۈچىگە باھا بېرىلگەن.
«پيۇۋ تەتقىقات مەركىزى» تورىدا ئېلان قىلىنغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، راي سىناشقا قېتىلغان 24 دۆلەت ئىچىدە ياپونىيە، كورېيە ئىسرائىلىيە، پولشا، ھىندىستان قاتارلىق 16 دۆلەت ئامېرىكانى دۇنيا ئىقتىسادىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىغان؛ ئىتالىيە، گىرېتسىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىغان.
ھەربىي جەھەتتە بولسا، ھېچقانداق دۆلەت خىتاينى ئامېرىكادىن كۈچلۈك دەپ قارىمىغان. ئەمما تېخنىكا جەھەتتە، خىتاينى كۈچلۈك دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان؛ بۇلار ئاساسەن ياۋروپا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى ئىكەن. ئامېرىكانى تېخنىكىدا كۈچلۈك دېگەنلەر پەقەت كورېيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى بولغان.
راي سىناشتا يەنە، «قايسى دۆلەت دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ساقلاشقا بەكرەك تۆھپە قوشتى؟ » دېگەن سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا، ئامېرىكا خىتايدىن ئۈستۈن تۇرغان.