ئامېرىكادىكى داڭلىق شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى چوڭ غولغۇلا قوزغىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.05.31

ئامېرىكانىڭ تېسلا شىركىتى خوجايىنى ئېلون ماسك (Elon Musk) بىلەن ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان JP Morgan باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەيمى دىمون (Jamie Dimon) 5-ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان.

«ئاكسيۇس» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يامانلىشىپ قېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە بۇ ئىككى چوڭ شىركەت  خوجايىنىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئامېرىكادا سودا بىلەن سىياسەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشىدەك چېچىلاڭغۇلۇقنى نامايەن قىلغان ھەمدە زور غولغۇلا پەيدا قىلغان.

ئېلون ماسك 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى، سودا مىنىسىتىرى ۋە سانائەت مىنسىتىرى بىلەن كۆرۈشكەن.  JP Morgan باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەيمى دىمون 5-ئاينىڭ 31-كۈنى شاڭخەيدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلغان.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ،  ئىقتىسادىي جەھەتتە چەك-چېگرا ئايرىشى ئىزچىل دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ ئىككى چوڭ شىركەت خوجايىنىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئاسانلىقچە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھېچ قايسى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا تېخى تەييارلىق قىلىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ تىۋىتتىرغا چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېلون ماسك خىتايدا ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشكەن ۋە خىتاينى ماختاپلا يۈرگەن.  ئېلون ماسك خىتايدىن مەنپەئەت ئېلىشتىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى تېسلا زاۋۇتى ئېلون ماسكقا زور پايدا ياراتقان ، تېسلا ماشىنىسىغا كېرەكلىك لىتىي باتارىيەسىنىڭ 80 پىرسەنتى خىتايدا ياسىلىدىكەن. ئۇ 2022-يىل 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە تېسلا شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە دۇكىنىنى ئاچقاندا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.