ئامېرىكا تاموژناسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دىققەتنى خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرگە قاراتقان

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىگە قاراتقان. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋىيېتنام، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانى بولماقتا ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى بۇ يىل 9-ئايدا قىممىتى 74 مىليون دوللارلىق ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇم، كۈنتاختا ۋە مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكاغا كىرىشىنى رەت قىلغان ياكى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن چېگرادا تۇتۇپ قالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋىيېتنام ۋە مالايسىيادىن كەلگەن ئىكەن. ئەنگلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل 9-ئايغىچە 6000 دىن ئارتۇق مال يوللانمىسىنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى 2 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ 11-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى رەت قىلىنغانلىقى ياكى تەستىقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى پەقەت 9-ئاينىڭ ئۆزىدىلا 82 مىليون دوللارلىق تاۋارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قالغان. ھالبۇكى، بۇ يىل 9-ئايدا تۇتۇپ قېلىنغان تاۋار 8-ئايدا تۇتۇپ قېلىنغان تاۋارلاردىن زور مىقداردا ئارتقان. 8-ئايدا 20 مىليونغا دوللارغا يېقىن تاۋارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ۋىيېتنام ياكى مالايسىيادىن كەلگەن ئىكەن.