ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا

ئامېرىكانىڭ بىر ئادەمسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى 2‏-دېكابىر كۈنى باغدات خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئەتراپىدا ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمىغا قاراشلىق قۇددۇس برىگاداسىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرگەن.

ھۇجۇمدا ئىراق شىئە قوراللىق گۇرۇھى ‏- ھاشدى شابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئابۇ مەھدى ئەل مۇھەندىسمۇ تەڭ ئۆلتۈرۈلگەن. قاسىم سۇلايمانى ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قۇددۇس برىگاداسى ئىراق، سۈرىيە، يەمەن، لىۋان قاتارلىق ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن قوراللىق ۋەقەلەردە ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا جاۋابكارلىقى بار، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇددۇس برىگاداسىنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 3‏-دېكابىر CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق قاسىم سۇلايمانى پىلانلىغان بىر سۇيىقەستنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا كەسكىن تەدبىر قوللانمىغان بولسا، ئونلىغان ياكى يۈزلىگەن ئامېرىكالىقنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەگەر ئۇنىڭ ھۇجۇم پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسا «نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ، ئىراقلىقلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما قاسىم سۇلايمانىنىڭ بۇ ھۇجۇمنى قاچان ۋە قەيەردە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتاي ھۆكۈمىتى2017‏-يىلى باشلىغان تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغان 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىگە بۇرالغان مەزگىلدە يۈز بەردى. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئىرانغا بۇرۇلۇشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ، لاگېرلار مەسىلىسىدىكى بېسىمنى پەسەيتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ئامېرىكا PBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو 3-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرى ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن. سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ دۆلەتلەرگە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.