ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 3 مۇخبىرى خىتايدىن قوغلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.02.19

بېيجىڭ دائىرىلىرى 19-فېۋرال كۈنى «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق 3 مۇخبىرىنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ، 5 كۈن ئىچىدە خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ قېتىملىق قارارنىڭ «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئاسىيانىڭ ھەقىقىي كېسەل كۆرپىسى» ناملىق مۇلاھىزە ماقالىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ماقالىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرىدىكى بۇ كۆز قاراش ماقالىسى ئامېرىكادىكى بارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى سىياسەتلەر پروفېسسورى، شۇنداقلا بۇ ژۇرنالنىڭ ئىستون يازغۇچىسى ۋالتىر رۇسسل مەد تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خەۋەر مۇخبىرلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقكەن. «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» مۇدىرى ۋىللىيام لىۋايس بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا: «بىزنىڭ كۆز قاراش ماقالىسى سەھىپىمىز داۋاملىق ھالدا كىشىلەر قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغان ھەرخىل كۆز قاراش ماقالىلىرىنى نەشر قىلىپ تۇرىدۇ. بىز خىتاي خەلقىنىڭ بۇ ماقالىدىن نارازى بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق» دېگەن. بىراق ئۇ يەنە «بىزنىڭ ژۇرنالدا كۆز قاراش ماقالىسى بۆلۈمى بىلەن خەۋەر بۆلۈمى ئېنىق ئايرىلغان. بىز خىتاينىڭ خەۋەر مۇخبىرلىرىمىزنى چىقىرىۋېتىش قارارىدىن ئەپسۇسلاندۇق، ئۇلارنىڭ قارارىنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق» دەپ ئەسكەرتكەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرى چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان 3 نەپەر مۇخبىر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بېيجىڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوش چىن، مۇخبىرى چاۋدېڭ ۋە فىلىپ ۋېن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جوش چىن ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئەپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئىشلىگەن «شىنجاڭدىكى ئون ئىككى كۈن» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسى 2017-يىلى ئېلان قىلىنغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇتلەق نازارەت سىستېمىسىنى ۋە قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ بۇ خەۋەر پروگراممىسى 2018-يىلى ئاخبارات ساھەسىدىكى پىداكارلىق ۋە جاسارەتنى تەقدىرلەش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان «ئىنسان ھەقلىرى ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

چەتئەل خەۋەر ئورگىنىنىڭ بىر قانچە مۇخبىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشتەك ئەھۋال خىتايدا 1998-يىلىدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن. «خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى» ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

2015-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى كان ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيرنى خىتايدىن چىقىرىۋەتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.