ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى چەت ئەل مەبلىغىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى 22-مارت كۈنى خىتاينىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا چوڭ رول ئوينىغان بۇ ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، يەنە بىرسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن گومىڭ ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ چىرىك ئەمەلدارلىرى ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزگەن جىنايىتى بىلەن «ماگنېتىسكى قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن جازالىنىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مالىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ مىنىستىرلىكنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىيا گېك مۇنداق دېگەن: «ئەگەر شىنجاڭدا قەبىھ زوراۋانلىق يەنە يۈز بېرىدىكەن، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە قالىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشىدىن داۋاملىق ھېساب سورايدۇ».
بۇ ئىككى خىتاي ئەمەلدارى جازالانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ مال-مۈلكتىن كېلىدىغان پايدا-مەنپەئەت چەكلىنىدىكەن. بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە بۇ شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شىركەت خوجايىنلىرىغىمۇ چەكلىمە قويۇلىدىكەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ جازاسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە كانادانىڭ مۇشۇ تۈردىكى جازاسىنىڭ بىر تولۇقلمىسى بولۇپ، ئامېرىكا يەنە «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى جازالاشتا باشلامچىلىق رول ئوينايدىكەن. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بىرلىكتە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىكەن؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرىش غەرىزىنى بىت-چىت قىلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى غەرب ئەللىرى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جازا تەدبىرلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئىرادىسىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن، شۇنداقلا ئىقتىسادتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.