ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گەيل مانشىن: «خىتاينىڭ مېنى جازالىشىدىن ئىپتىخارلاندىم»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېيل مانشىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىدىن «ئىپتىخارلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېيل مانشىن 27-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 27-مارت گېيل مانشىن ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تونى پېركېنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئامېرىكا ۋە كانادا ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

گېيل مانشىن باياناتىدا «مەن كوممۇنىستىك خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتىكى دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىپ جازالانغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ «بۇ يىل يازدا خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى يوق» ئىكەن، شۇنداقلا ئۇ «خىتايدا يۈز بەرگەندەك دىنىي ئەركىنلىككە قورقۇنچلۇق دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكەتلىرىنى سۆزلەشتىن توختاپ قالمايدىكەن.» خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ 29-مارت كۇنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گەيل مانشىن بىلەن تونى پېركېنسقا ئىمبارگو قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

مەزكۇر كومىتېت 29-مارت بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى سۆزلەشنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىك ۋە كومپارتىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تەرەپسىز خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە 2022-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يۆتكەش ياكى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەك» ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 27-مارت گېيل مانشىن، تونى پېركېنس قاتارلىقلارغا ئىمبارگو قويۇشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە بىر ئاپپاراتىنى جازالىغان ئىدى.