ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىنتايىن يىرگىنىشلىك» دېدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايكېل ۋالتىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرى «ئىنتايىن يىرگىنىشلىك» دېگەن.

ئۇ يېقىندا «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىلگىرى رىۋاندا، سۇدان، بوسنىيە ۋە ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەن مىللىي قىرغىنچىلىققا ئوخشايدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى مايكىل ۋالتىز يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر مىللەتنى يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ گېنلىرىنى بۇزۇشنى پىلانلاش، ئىنتايىن يىرگىنىشلىك بىر ئىش.»

مايكىل ۋالتىز سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «بۇنداق دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاق قائىدىسىگە خىلاپ، بىز NBC تېلېۋىزىيە قانىلىدىنمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسنى تېلېۋىزوردا تارقاتماسلىققا چاقىرىمىز. مۇسابىقىنىڭ ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى تارتىۋېلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ۋەكىلى كىرىسسىي خولاخانمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ب د ت خەۋپسزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقتىن، ب د ت دىن زور ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداقلا خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.