ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز 21-ئاپرېل ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىنى يوشۇرۇش ۋە كەچۈرۈش قىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايدۇ. بۇ زوراۋانلىققا جاۋابكار بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىنى يوشۇرۇش ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن».
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەت كومىتېتى ھازىرلىغان «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنى» دا تېد كرۇزنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر ئىككى تۈرلۈك تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر كومىتېت ماقۇللىغان ئاخىرقى قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ لاگېردىكى ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ۋە باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تېد كرۇز بۇ قانۇن لايىھەسىگە يەنە بىر تۈزىتىش لايىھەسى قوشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاماش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش جىنايىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى جازالاش مەقسەت قىلىنغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەت كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش لايىھەسى تېد كرۇزنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن باشقا يەنە تەيۋەن مەسىلىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى، خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھوللىۋودنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش مەسىلىسىگە دائىر قانۇن لايىھەلىرى بار ئىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2019-يىل كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن شىركەتلەرنى جازالاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغانىدى.