ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈلۈپ، لاگېرلار پەيدا بولغانلىقىغا 3 يىل تولغان مەزگىلدە رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مېڭە يۇيۇش، تەھدىت ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تارقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇم مەزگىلىدىكى كارانتىن تەدبىرلىرى جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يېمەك-ئىچمەكسىز قالغانلىقىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىپ زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ مەسىلىنىمۇ تىلغا ئالغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كارانتىن مەزگىلىدە ئاچارچىلىق تارتقانلىقىغا ئائىت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن ۋىدېيولارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتۇق. يېتەرلىك يېمەكلىك، دورا ۋە كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش ھەر قانداق كارانتىن قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يولغا قويغانلىقىغا 3 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال سوراپ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان باتۇر شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز،» دېگەن.