ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىيە جېڭىدە مەركىزىي تېما بولدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى 9-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئولوگىيەلىك ۋاستىلار ۋە گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ نازارەت چارىلىرىنىڭ ئايرىم ئىرقىي تۈركۈمگە تەۋە بولغان خەلقلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «ھازىر بۇ ئەھۋال داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» گېزىتىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دىپلوماتىيە ئۇرۇشى باشلانغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي ئاساسسىز. بۇلارنىڭ توقۇپ چىقىلغان يالغان ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي بولمىغانلارنىڭمۇ كىشىلىك ھەقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، ئۇ خىتايدا كومپارتىيەنىڭ دېگىنى «قانۇن» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاشتا ھېچكىمنىڭمۇ رۇخسىتى ئېلىنمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئالمىغان. بۇ ئەھۋالنى لاگېر شاھىدلىرىمۇ كۆپ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، لاگېرلاردىكى قىز-چوكانلارنى پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىۋېتىشتىمۇ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش مەۋجۇت بولمىغان.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئارقىلىق ئۇلارنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى سەۋىيىسىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتى، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان دۇنياۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شۇنچە كۆپ پاكىتلارنى قارىسىغا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق پاكىتقا كۆز يۇمۇشتەك خاراكتېرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.