ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 19-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇتەخەسسىسلىرى ئىشخانىسى بىلەن باشقا 41 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى بىردەك ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 42 تەشكىلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسى پېلوسىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن ماقۇللىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 3 يىلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ كەلدى. مەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول مىكول ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى مېكىسنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى سەپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن».
بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى قاراردا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى، مەزكۇر قارار پرېزىدېنت جوۋ بايدېندىن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلات سۇنۇش ۋە خىتاينى باشلامچىلىق بىلەن كۆپ تەرەپتىن جازالاشقا بۇيرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنداق بولغاندا، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتتىن قولىنى تارتىشى ۋە خەلقئاراغا ھېساب بېرىشى كۈنتەرتىپكە كېلەلەيدىكەن.