ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى

29-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس مەخسۇس سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئۇ سۆزىدە رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، روزا ھېيتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىشىدەك پاجىئەدىن بەكمۇ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى، لاگېرلاردىكى قىيناقلار ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مورگان خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيى مەزگىلىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور خورلىنىش ۋە قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھالغا تېزدىن خاتىمە بېرىپ، لاگېرلاردىكى بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا ھەمدە ھېيت خوشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرىق قىلدى.