ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى تىجارەت ساھەسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ھەرقانداق بىر شەكىلدە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىرماقتا. ئۇلار يېقىندا ئېلان قىلغان ««شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» نى ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا تىجارەت ساھەسى ۋە ھوللىيۋۇدقا قاراتقان چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم 22-ئىيۇل كۈنى «فوكس» خەۋەرلەر قانىلىدا قىلغان سۆزىدىمۇ بۇ مەسىلىنى قايتا ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندا ئامېرىكا تىجارەتچىلىرىنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا چېتىلىپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردۇق. ئامېرىكا تىجارەت ساھەسى، ھوللىيۋۇد ۋە ئامېرىكا جامائىتى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان بۇ يىرگىنىشلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.»
1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەزىنە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» ناملىق بىرلەشمە قارارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق تەمىنات زەنجىرلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە «خوتەن خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى»، «نەنجىڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى»، «نەنچاڭ فىلىم تېخنولوگىيەسى» قاتارلىق 11 شىركەت ۋە زاۋۇتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ھەرقايسى داڭلىق ماركىلار ئۈستىدىكى بېسىم كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.