ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلاردىن بولغان ئىككى ئەزاسى ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش توغرىسىدا پارتىيە ھالقىغان يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ پەرقلىق كىملىكىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاش» تەلەپ قىلىنغان. قانۇن لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم بىلەن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامى بېرا سۇنغان.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى-2021» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قارىتا خەلقئارانىڭ سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتىش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ش ئۇ ئا ر دىكى كىشىلىك ھوقۇق خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بېرىش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەتراپلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يوڭ كىم 29-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «مەن رەئىس بېرا بىلەن ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى-2021 غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى بېسشىغا تۈرتكە بولۇشتىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامى بېرانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئورگانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغنى بۇ كرىزىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈچەيتىدىكەن».