ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلىگەن

مالدىۋېس ئاراللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئامېرىكا دىپلوماتى بىلەن خىتاي دىپلوماتى ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. يىغىندا ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى باش ئەلچىسى خارىي خارىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى، ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى تەنقىدلىگەن. ھىندىستاندىكى «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش ئەلچى خارىسنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي دىپلوماتى ۋېي خوڭتيەننىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك مۇسۇلمان قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىققا» قارشى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلاپ كەلمەكتە.

«ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى دىپلوماتنىڭ تالاش-تارتىشى 4‏‏-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ھىندى ئوكيان يىغىنى» دا يۈز بەرگەن. يىغىندا باش ئەلچى خارىي خارىس ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى، ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ھەم جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى تەنقىدلىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەگە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە بەرگەن سۆزىدە ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مانا بۇ، بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا مانېۋىر كۈچى ۋە ھۆكۈمدارلىق ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتنى ئېنىق رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا ھۆرمەت، تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئادىل ئالماشتۇرۇشنى تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەبتۇر. سىز بۇ قىممەت ئۆلچىمىنىڭ تەرك ئېتىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن. خەۋەردە، خىتاي دىپلوماتىنىڭ بۇنىڭغا نېمە، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن. لېكىن ئامېرىكا دىپلوماتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى سۆزلىرىگە «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىشسىز ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى» نى تەكىتلىگەن. باش ئەلچى خارىس: «بىز جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خەلقئارا دېڭىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇمدىن سەددىچىن سېپىلى ياسىشى قانۇنسىز» دېگەن ئىدى.