خىتاينىڭ تەقىبلەش ۋە نازارەت سىستېمىسى ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ داڭلىق پروگراممىسىدا مەخسۇس ئاڭلىتىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.13

ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىر ئەلىسۇن كىللىڭ (Alison Killing) 12-دېكابىر كۈنى مەزكۇر رادىيونىڭ داڭلىق پروگراممىسى «بىر سائەتلىك رادىيو سۆھبىتى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قانداق نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى ۋە ئۇلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇ 13 مىنۇتلۇق سۆزىدە، 4 كالىفورنىيە شىتاتىدەك كەڭ ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىدە ساقچى پونكىتى، چوڭ-كىچىك لاگېرلار بارلىقىنى خەرىتە ۋە رەسىملەر ئارقىلىق كۆرسەتكەن، ئاندىن قەشقەر بىلەن داۋانچىڭدىكى چوڭ لاگېرنى مىسال كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمنى مۇشۇ يەرگە قاماپ قىيناۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

NPR نىڭ تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەلىسۇن كىللىڭ قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى ھەم مۇخبىر بولۇپ، 2021-يىل يەنە بىر مۇخبىر بىلەن بىرلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا تور شەكلىدە يېيىلغان لاگېرلارنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە بۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارا خەۋەر تۈرى بويىچە «پۇلىتزېر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئەلىسۇن كىللىڭ يەنە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى، يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ سەپىرىنى قانداق ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېنىقلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.