خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشلىرى خەلقئارانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، بۈگۈن، يەنى 19-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «‹قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېيىلگەن ئىشلار قايتىدىن سىناق قىلىنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر باش ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە مەدەنىيەت، تىل جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار زۇلۇملار ئىخچام ۋە كۈچلۈك ئىبارىلەر ئارقىلىق تولۇق ئېچىپ بېرىلگەن.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دەپ سىلىقلاشتۇرۇپ ئاتىۋېلىش قىلمىشىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئاساسەن، بۇ خىل تەربىيە مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر سىستېمىلىق ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئورنى ئىكەنلىكىنى جانلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىدە يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلار «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالانغاندا شۇ خىل لاگېر سىستېمىسىغا ھەمدەمدە بولغانلار ئۈچۈن بىر ساۋاق بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر باش ماقالىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى بىرمۇنچە ئەربابلار ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىغا قارىتا سوئال قويۇلغان. ماقالىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ بۈگۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ترامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقى چاقىرىلغان.
