ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورىي گاردنېر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
سېناتور كورىي گاردنېر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «قوبۇل قىلغۇسىز ۋە ياۋايىلارچە» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ نورملىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنىۋاتقان ئېغىر ھاقارەتلىگىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدە رول ئېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سېناتور كورىي گاردنېر 12-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىكەن.
19-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە كىرىس سىمىسلارمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى شۇنداقلا «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.