ئامېرىكىدىكى خرىستىئان ۋە يەھۇدىي جامائىتىنىڭ دىنى تەشكىلاتلىرى «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىدىكى دىنى ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى بايان قىلماقتا.

17-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى خرىستىئان رەھبەرلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى جوننى مور شۇنداقلا ناتسىستلار لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر يەھۇدىي پائالىيەتچى تەرىپىدىن 1918-قۇرۇلغان چوڭ تەشكىلاتلاردىن سىمون ۋېيسانتال مەركىزى، دۇنياۋى ئىجتىمائىي ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى راببى ئابراھام كۇپېر بىرلىكتە خىتاي پرېزىدېنتىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

«خەۋەر ھەپتىلىكى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق خەتتە ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت بەرپا قىلىش پەقەتلا بېيىش، ئىلغار پەن-تېخنىكىغا ئىگە بولۇش ۋە ياكى قۇدرەتلىك بولۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتتە دىنغا ئىشەنگۈچى ئامما بېسىمغا ئۇچرايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ دۆلەت مەيلى چوڭ بولۇشى ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇدرەتلىك ياكى بىر باشلامچى دۆلەت دەپ ئاتاش سالاھىيىتى يوق.»

ئۇلار مەكتۇپىدا ئەسكەرتىپ، «خىتاي قاچان ئۆز دۆلىتىدە پەرقلەرگە، كۆپ خىللىققا ئوچۇق بولغاندىلا ئاندىن دۇنيادىكى يېتەكچى دۆلەت بولالايدۇ،» دېگەن ۋە شى جىنپىڭنى پۇقرالارنىڭ دىنى ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.