ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاينى دۈشمەن كۆرۈشى رۇسلاردىن ئېشىپ چۈشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.03.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا تاماملانغان بىر قېتىملىق دۆلەتلىك راي سىناشتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ 50 پىرسەنتى خىتاينى بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن، دەپ قارىغان. روسىيەنى بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارىغانلارنىڭ سانى 32 پىرسەنت بولغان.

«تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «گاللۇپ راي سىناش ھەركىتى» دە بۇ خىل يۈزلىنىش مەلۇم بولغان. گەرچە روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا مالىيەسىدىن زور بىر قىسىم مەبلەغ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىۋاتقان بولسىمۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاينى دۈشمەن، دەپ قاراش يۈزلىنىشى ئىزچىل ئېشىپ ماڭغان. بۇ ھال 2021-يىلىدىكى ئوخشاش راي سىناش پائالىيىتىدە بىر قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب بولغان. بۇ قېتىمقى راي سىناشتا خىتاينى دۈشمەن دەپ قارىغانلار خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم دەلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، روسىيەنى ئەڭ چوڭ دۈشمەن، دەپ قارىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى دېموكراتچىلار بولغان. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن كاتېگورىيىسىگە قويغان. بۇ قېتىمقى راي سىناش فېۋرال ئېيىدا تامام بولغان ھەمدە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.