ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئويلاشماقتا

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى نازۇك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نازۇك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خىتايغا توشۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئەندىشە مەۋجۇت ئىكەن. خەۋەردە، ئاق ساراينىڭ ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا كارخانا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ھەربىي، ئىستىخبارات قىممىتىگە ئىگە تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا قارىتا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ يىل ئاپرېلدا رادارغا چۈشمەيدىغان بىر خىل ماتېرىيالنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىنى ئامېرىكا دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىدىكەن. دۈك ئۇنىۋېرسىتېتى 2008‏-يىلى مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنى ئىشلىگەن.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ خىتايغا قايتىپ بېرىپ، مىليونېر بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەزى تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئىدارىسى ئەينى چاغدا بۇ خىتاي تەتقىقاتچىنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتمىغان ئىكەن. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كونكرېت قانداق تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ قانچىلىك كىشىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەدبىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئاشتىلار، ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىدە ۋاقىتلىق ۋىزا بىلەن ئىشلەۋاتقان خىتايلارغا تەسىر قىلىدىكەن.