«ئامېرىكا ئاۋازى» (VOA) نىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 20 كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىپ ئېلى راتنېر (Ely Ratner) ئامېرىكىغا قارشى تەھدىت تىزىملىكىدە رۇسىيەنى ئەمەس، خىتاينى ئالدىنقى ئورۇندا قويغان. ئۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ئامېرىكاغا خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن خىتاي ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.
ئېلى راتنېر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كەڭ كۆلەملىك ھەم ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنى يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەت. خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدا دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. »
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، «خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرى (زاپاس كۈچى) مۆلچەردىكىدىن تېز ئاشتى، خىتاي ھۆكۈمىتى يادرو كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلماقتا» دېيىلگەن.
ئېلى راتنېر گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان 2025-يىللىق خامچوتتا ھاۋا، دېڭىز ۋە دېڭىز ئاستى ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سېلىش، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچىىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.