ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكالىقلارنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا خىتايدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامېرىكالىقلارنى خىتايغا ساياھەت بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر كۆرسەتمىسىدە «خىتايدا ساياھەت قىلىۋاتقان ياكى ئولتۇراقلاشقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزلىرى ئەيىبلەنگەن جىنايەت توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويۇلماسلىقى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا پۇقرالىرىغا خىتايدىكى قالايمىقان قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسى خەۋپىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتايغا ساياھەتكە بېرىشنى قايتا ئويلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كۆرسەتمىسىدە نوقۇل بىر ئۆرنەكنى تىلغا ئالمىغان، بىراق كۆرسەتمە بۇ يىل 5-ئايدا 78 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى خىتايدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتە خىتايدا «خىتاي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى» دەپ قارالغانلارنى نىشانلايدىغان ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى» نى ماقۇللىغان.

خىتاي بۇندىن ئىلگىرى يەنە، مەزمۇنى كونكرېت بولمىغان، كەڭ كۆلەملىك «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، بىر قىسىم چەتئەل سودا جەمئىيەتلىرى ئىشخانىلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈرگەن بولسا، يەنە بىر ياقتىن خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىمۇ بېكىتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆرسەتمىسىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم قانۇنلارنى ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئادىللىقتىن يوقسۇن ھالدا خالىغانچە ئىجرا قىلماقتا» دېگەن.