ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن خىتاي –تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سودىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.02

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم تۈركىيە تەرەپ بىلەن خىتاي - تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سودىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مىللېر تۈركىيەدە مەخسۇس زىيارەتتە بولغان. ئۇ تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئامېرىكا - تۈركىيە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرزىسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىقى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. خىتاي - تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سودىسى سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان.

تۈركىيە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايدىكى بىر شىركەتكە ھۆددىگە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر سودا كېلىشىمى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە يۇقىرىقى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بەرگەن خىتاينىڭ نازۇك ئەسۋابلار ئېكسپورت - ئىمپورت شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا چەكلىمىسى قويغان شىركەت ئىكەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ مەزكۇر سودىدىكى تاللىشىغا سوئال قويغان. تۈركىيە تەرەپ سودا كېلىشىمىنى يەنە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.