قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 80 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن «ئانارخان» دىراممىسىنى ئوينايدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.09.29

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، يېقىندا ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس «ئانارخان» دراممىسىنى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى قارار قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 10 - ئاينىڭ 26 - 27 - 28 - كۈنلىرى ئالمۇتىدا «ئانارخان» دىراممىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېلان قىلغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىياتىر تارىخىدىكى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى تۇنجى تىياتىرلارنىڭ بىرى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 1933 - يىلى، ئالمۇتا شەھىرىدە قۇرۇلغان. تۇنجى ئۇيغۇر دراما رېژىسسورى جالال ئاسىموف بىلەن ئا.ئاسىموف يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن مۇزىكىلىق دراما «ئانارخان» 20 - يىللاردا مەيدانغا كېلىپ، 30 - يىللاردىن كېيىن دائىم سەھنىلەردە ئوينىلىپ كېلىنگەن ئىدى. «ئانارخان» درامىسى ئۇيغۇر تىياتىر تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى بولغان پەرغانە ئۇيغۇرلىرىمۇ 1933 - 1934 - يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان شەھىرىدە ئۇيغۇر دراما تىياتىرى قۇرۇپ، داڭ چىقارغان ئىدى. مەزكۇر تىياتىر 1940 - يىللارغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بولسا، ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ 80 - باھارىنى كۈتۈۋالدى. پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف مەزكۇر تىياتىرغا قازاقىستان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان ئۇيغۇر كومپوزىتورى، قازاقىستان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى، قازاقىستان مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ نامىنى بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.